تىكا پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن سالغان ئۆيلەر تاپشۇرۇپ بېرىلدى

تۈرك ھەمكارلىقى ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى تىكا (TİKA) غەززەدە سالدۇرغان 320 يۈرۈش ئۆي پەلەستىنلىكلەرگە تاپشۇرۇلدى.

865474
تىكا پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن سالغان ئۆيلەر تاپشۇرۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكا ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان ۋە كەمبەغەل پەەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن سالغان ئۆيلەر، پەلەستىنلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. پەلەستىن تۇرالغۇ ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش مىنىستىرى مۇفىد ئەلھاسانىيە ئاچقۇچ تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تىكا سالدۇرغان ئۆيلەرنىڭ دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباسنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەت 2014-يىلدىكى ھۇجۇملاردا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار بىلەن كەمبەغەل پەلەستىنلىك ئائىلىلەرگە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ رايوندىكى كەمبەغەل ئائىلىلەر ئۈچۈن يېڭى ئۆيلەرنى سېلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ: «تىكا ۋە تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلىۋاتقان ياردىمىدىن كۆپ مىننەتدارمىز» دېدى.

ئەلھاسانىيە سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، يۈزلەرچە پەلەستىنلىك ئائىلىگە ئۆيلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇردى.

غەززەنىڭ جەنۇبىدا خەلق ئارىسىدا «ھۇجر ئەددىك» دەپ ئاتىلىدىغان ۋادە غەززە يېزىسىدا قۇرۇلۇشى تاماملانغان 320 يۈرۈش ئۆي، چارشەنبە (6-دېكابىر) كۈنى كېلىشىمگە ئاساسەن پەلەستىن تۇرالغۇ ۋە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.

تىكا 2014-يىلى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ھەر بىرىدە 16 يۈرۈش ئۆي بولغان 20 تۇرالغۇ بىنا سېلىش لايىھەسى تەييارلىغان ئىدى. چوڭلۇقى 100 كىۋادرات مېتىر بولغان 320 ئۆيدە تەخمىنەن 2500 كىشىنىڭ ھايات كەچۈرىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر