ئوستىن: ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن (Lloyd Austin) ئۇكرائىنا ئېھتىياجلىق بولغان ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2142179
ئوستىن: ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن كۆپىنچىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 50 دۆلەت بار بولغان ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ 22-قېتىملىق سىنلىق تور يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيە ئۇكرائىنادا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇچرىشىمىز. ئۇكرائىنا ئېھتىياجلىق بولغان ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئامېرىكا مەسئۇلىيىتىنى قەتئىيلىك بىلەن ئادا قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ جىددىي ئېھتىياجلىق ياردەملەرنىڭ ئۇكرائىناغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

 «بىز ئەۋەتكەن بىخەتەرلىك ياردىمى بۇ كۈرەشتە ھەقىقىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.»

ئۇ ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش باشلانغان 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىناغا 95 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ياردەم قىلغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ياۋروپا ۋە يەرشارى بىخەتەرلىكى شۇنداقلا ئامېرىكا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىناغا قىلىنغان 95 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ياردەمنىڭ تەخمىنەن 50 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق قىسمىنى ئامېرىكا ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر