ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا 6 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەنىن شەھىرى ۋە جەنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا، بىر دوختۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

2142409
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا 6 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنىن شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوقلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 6 پەلەستىنلىك بىلەن يارىلانغان 10 كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ ئۈچىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جەنىن دۆلەت دوختۇرخانىسى باشلىقى ۋىسام بەكىر، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە جەنىن دوختۇرخانىسى ئوپېراتسىيە بۆلۈمى باشلىقىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى كېچە بويىچە جەنىن شەھىرى ۋە لاگېرلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، ئىسرائىلىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ جەنىن ئاسمىنىدا ئۇچقانلىقىنى، شەھەرگە باستۇرۇپ كىرگەن ئەسكەرلەر بىلەن پەلەستىنلىك قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېرىم كېچىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بىر سابىق تۇتقۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كىشىنى قولغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر