تېھراندا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تىك ئۇچار ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۈچۈن، پايتەخت تېھراندا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

2142193
تېھراندا ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تېھراندىكى ۋەلىئەسىر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا مىڭلارچە كىشى قاتناشتى؛ مۇراسىمدا، رەسىملىرى چىقىرىلغان پرېزىدېنت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىندى. مەرسىيەلەر ئوقۇلغان مۇراسىمدا بەزى كىشىلەر كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

ئالدىنقى كۈنى پىرېزىدېنت رەئىسى ئىران-ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى توسمىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا قاراپ يولغا چىققان، قايتىش يولىدا ئۇلار ئوتۇرغان تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەنىدى.

ئىراننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركىيە ئاقىنجى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇردى. ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچارنىڭ ئاقىنجى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەرىپىدىن بايقالغان كوئوردېناتى ئىران دائىرىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىلدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ بارغان ئىران كوماندىلىرى، ھادىسىدە ھېچكىمنىڭ ھايات قالمىغانلىقىنى بېكىتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر