رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرماسلىقى توغرىسىدىكى لايىھە رەت قىلىندى

رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ھېچقانداق قورال ئورۇنلاشتۇرماسلىقىنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېتەرلىك قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

2142407
رۇسىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرماسلىقى توغرىسىدىكى لايىھە رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 ئەزالىق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بېلەت تاشلاشقا سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسىگە  7 ئەزا قوللاپ، 7 ئەزا رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى، بىر ئەزا بىتەرەپ تۇرۇشنى تاللىدى.

قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن، 15 ئەزانىڭ كەم دېگەندە 9 ى قوللاپ بېلەت تاشلىشى كېرەك ئىدى.

ئالەم بوشلۇقىغا ھېچقانداق قورال ئورۇنلاشتۇرماسلىق توغرىسىدىكى چاقىرىققا ئورۇن بېرىلگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە،  ئالەم بولشۇقىدا زوراۋانلىق خەۋپى يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا كۆپ تەرەپلىك ۋە چەكلەش كۈچىگە ئىگە كېلىشىملەرنىڭ تۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان قارار لايىھەسىدە، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغانىدى.

رۇسىيە 24-ئاپرېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياپونىيە تەرىپىدىن سۇنۇلغان <ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا يادرو قوراللىرى ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر