لاۋروۋ: ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2142458
لاۋروۋ: ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار يىغىنىدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپ، ياۋروئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بۇ رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن ئورتاق قاراشقا كەلدۇق. ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇنى قوللاۋاتقان ئامېرىكا بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، بۇ جەرياننىڭ (پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى) ئالدىنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر