جەنۇبىي كورېيە كىم جوڭئۇننى مەدھىيەلىگەن بىر تىكتوك ناخشىسىنى چەكلەيدىكەن

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننى «كاتتا رەھبەر» دەپ مەدھىيەلىگەن تىكتوك ناخشىسىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2142456
جەنۇبىي كورېيە كىم جوڭئۇننى مەدھىيەلىگەن بىر تىكتوك ناخشىسىنى چەكلەيدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە ئۇچۇر-ئاخبارات كومىتېتى ئاپرېل ئېيىدا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى تىكتوكتا تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشلۈك مەزكۇر ناخشا توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.

باياناتتا، مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە جەنۇبىي كورىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا زىت مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «كىم جوڭئۇن كاتتا رەھبەر» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناخشىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ناخشىنىڭ «كىم جوڭئۇننى مەدھىيىلەيدىغان»، «ئۇلۇغلايدىغان»لىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، سىنلىق ناخشىغا «شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پىسخىكا ئۇرۇشىنىڭ تىپىك مىسالى» دەپ باھا بېرىلگەندى.

باياناتتا، چەكلەش قارارىنىڭ جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر