بايېربوك: ئۇكرائىنا تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدىن ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئەسىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2142239
بايېربوك: ئۇكرائىنا تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك كىيېۋ زىيارىتىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىيۇس بىلەن بىرلىكتە ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەرىكەت باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنى قوشۇمچە ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 1 مىليارد ياۋرو توپلىدۇق، بىز بۇنى كۆپەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بىز يۈرىكىمىزگە قولىمىزنى بىر قانچە قېتىم سالدۇق، ھەتتا قوشۇمچە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بولغان <ۋەتەنپەرۋەر> ئۈچۈنمۇ ھەرىكەتكە ئۆتتۇق.»

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغان ھاياتتا ياشىشى ئۈچۈن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇشۇنداق بولغاندا رۇسىيەنىڭ غەرب چېگراسىغا قاراپ ئىلگىرىلىيەلمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ھەم ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ھەمدە پۈتكۈل ياۋروپانىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسى، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا  قىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇشىنىڭ زۆرۈر جۇغراپىيەلىك سىياسىي نەتىجىسى» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، ئىيۇندا (2024) پايتەخت بېرلىندا ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغالىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شېرىكلىرىمىز، سودا-سانائەتچىلەر دۇنياسى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن تەشكىل تاپقان بىر كۈچلۈك ئىتتىپاق بىلەن، ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سالىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر