ئافغانىستاندا كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 400 گە يېقىنلاشتى

ئافغانىستاننڭ تۈركمەنىستان چېگراسىدىكى فەرياب ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە يەنە 18 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2141667
ئافغانىستاندا كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 400 گە يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ۋىلايەتلىرىدە يېقىنقى ھەپتىلەردە ياغقان شىددەتلىك يامغۇرلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 400 گە يېقىنلاشتى.

فەرياب ۋىلايىتىنىڭ باياناتچىسى ئىسمەتۇللاھ مۇرادى تولو نىيۇس (TOLO News) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كەلكۈن سەۋەبىدىن يەنە ئەڭ ئاز دېگەندە 18 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، 2 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق دېھقانچىلىق ئېتىزىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 300 دىن ئارتۇق ھايۋاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈنۈگۈن (19-ماي) مۇ گور ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئونلارچە كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئافغانىستاندا قىش پەسلىدە ياغقان قارلارنىڭ ئېرىشى، باھار ئايلىرىدا يامغۇرنىڭ كۆپ يېغىشى ۋە ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كەلكۈن ئاپەتلىرى ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەر يىلى يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر