ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى غەززەدىكى توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2141619
ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاسسام بىرىگاداسىنىڭ تېلېگرامما ئادرېسىدىكى يازما باياناتىدا، ئىسلام جىھاد ھەرىكىتىنىڭ ھەربىي قانىتى قۇددۇس ئەترەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا تۇرۇشلۇق ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە ئورتاق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.   پەلەستىنلىك چەڭچىلەرنىڭ جىبالىيە لاگېرىدىكى شەھىد ئىماد ئاقل جامەسىنىڭ  ئارقىسىغا جايلاشقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئارىسىداجېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپلۈكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئەل-ئالبانى كوچىسىدىكى توقۇنۇشتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە ئەل- ئەجارىمە كوچىسىدا بولسا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «مېركاۋا» تىپلىق تانكىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەلقاسسام بىرىگاداسى جىبالىيە پاناھلانغۇچىلارلاگېرىنىڭ شەرقىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى تانكىسىنىڭ پاچاقلانغانلىقىنى ۋە جىبالىيە لاگېرىنىڭ شىمالىدا بولسا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «ياسىن -105» راكېتاسى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ھەمبەھرلىدى.

غەززە شەھىرىنىڭ تېل ئەل-ھەۋا رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى نەتزارىم كارىدورىدا، بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ پەلەستىنلىك مەرگەن تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سدېروت شەھىرىگىمۇ راكېتامىيوت ھۇجۇمى قىلىنغنلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىدە بولسا، رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە مىناميوت ھۇجۇمى قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. رەفاھنىڭ شەرقىدىمۇ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا دائىر مەلۇمات بېرىلدى.  

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6-ماي (2024) دىكى باياناتىدا، رەفاھنىڭ شەرقىدىكى بەزى مەھەللىلەرنىڭ مەجبۇرىي بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە 7- ماي ئەتىگەندە غەززەنىڭ رەفاھ رايونىغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى باشلىغان بولۇپ، مىسىر بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزىنىڭ غەززە تەرىپىنى ئىشغال قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغال قىلغان رايون، مىسىر چېگراسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ۋە غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چەت ئەلگە چىقىشدىكى بىردىنبىر ئۆتۈش ئېغىزى ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا، كەم دېگەندە 15 مىڭ 103 كىچك بالا ۋە 9 مىڭ 849 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 35 مىڭ 456 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، 79 مىڭ 476 پەلەستىنلىك يارىلاندى. بىنا خارابىلىكلىرى ئاستىدا ھازىرمۇ يەنە مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى خەلق پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىنى ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر