رەئىسى تىك ئۇچار ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى تىك ئۇچار ۋەقەسىگە ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى.

2141503
رەئىسى تىك ئۇچار ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئىبراھىم رەئىسى بىلەن تىك ئۇچاردا بىرگە ئولتۇرغان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان، شەرقىي ئەزەربەيجان ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى مالىك رەھمەتى ۋە تەبرىز جۈمە ئىمامى ئايەتۇللاھ ئەلى ھاشىمى، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە ئۈچ نەپەر تىك ئۇچار خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان.

قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ئاقىنجى ئۇچقۇسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىك ئۇچارنىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغان.

ئىبراھىم رەئىسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئولتۇرغان تىك ئۇچارنىڭ، تۈنۈگۈن (19-ماي) ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت چېگراسىدا سېلىنغان سۇ توسمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قايتىۋاتقىنىدا، ناچار ھاۋا شارائىتى تۈپەيلىدىن يەرگە قاتتىق قونغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىبراھىم رەئىسى بۇ يىل 63 بولۇپ، 2021-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئىراننىڭ 8-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ئىدى. ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيانمۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر