لىۋىيەدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە پارتلاش ۋەقەلىرىدە 35 كىشى قازا قىلدى

لىۋىيەدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە مىنا ۋە پارتلاتقۇچ ماددىسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە 26 كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 35  كىشى قازا قىلدى ياكى يارىلاندى.

2141543
لىۋىيەدە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە پارتلاش ۋەقەلىرىدە 35 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەنى قوللاش ئۆمىكى (UNSMIL) نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، 2024- يىلى ئاپرېلدىن ئىلگىرىكى بىر يىل ئىچىدە، لىۋىيەدە مىنا ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلىرىغا چېتىشلىق ۋەقەلەردە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرلەندى.

باياناتتا، 2023 - يىلدىن 2024 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 26 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 35 كىشىنىڭ پارتلاتقۇچ ماددىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە قازا قىلغانلىقى ياكى يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدا 400 دىن ئارتۇق كىشى پارتلاتقۇچقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردە يارىلانغان ياكى قازا قىلغان.

باياناتتا، لىۋىيەدە بايقالغان خەتەرلىك رايونلارنىڭ تەخمىنەن %36 ىنىڭ مىنالاردىن تازىلانغانلىقى، تەخمىنەن 436 مىليون كىۋادراتمېتىرلىق يەرنىڭ تېخى تازىلانمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر