دائېش ئافغانىستاندا ساياھەتچىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئافغانىستاننىڭ باميان ئۆلكىسىدە ئۈچ ئىسپانىيەلىك ساياھەتچىنى قوشقاندا جەمئىي ئالتە كىشى قازا قىلغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

2141637
دائېش ئافغانىستاندا ساياھەتچىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان يازمىسدا، 17 - مايدا باميان ئۆلكىسىدە ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

17 - مايدا باميان ئۆلكىسىدىكى ساياھەت رايونلىرىغا بارغان بىر گۇرۇپپا ساياھەتچىلەر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئۈچ ئىسپانىيەلىك ۋە ئۈچ ئافغانىستان پۇقراسى، جەمئىي ئالتە كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى

ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تالىباننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابدۇلمەتىن كانى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك 7 گۇماندارنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر