ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

ئۇكرائىنا دونېتسىك رايونىدا رۇسىيەگە تەۋە Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

2141263
ئۇكرائىنا ماي ئېيى كىرگەندىن بۇيان رۇسىيەنىڭ تۆت ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش داۋاملاشماقتا. 110 - ماشىنىلاشقان بىرىگاداغا تەۋە ئۇكرائىنا جەڭچىلىرى دونېتسىك رايونىدا روسىيەنىڭ Su-25 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى. ماي ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان 110 - ماشىنىلاشقان بىرىگاداغا تەۋە ئايروپىلانلارغا قارشى ئەترەت مۇشۇنىڭ بىلەن رۇسىيەنىڭ تۆتىنچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بولدى» دېيىلدى.

2022 - يىلى 24- - فېۋرالدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرىشى بىلەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان ئىدى.

پۇتىن ئۇكرائىنانىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇكرائىنانى داۋاملىق رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈشنى ۋە ناتسىستلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر