ئىسرائىلىيە خەلقى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە خەلقى (18 – ماي) شەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.

2141235
ئىسرائىلىيە خەلقى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
israil esir takasi icin protesto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشتا غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماس بىلەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش ۋە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەدە ھەر شەنبە كۈنى غەززە رايونىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىنىدىغان ۋە نېتانىياھۇ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشلار بۇ شەنبىمۇ كەڭ كۆلەملىك  قاتنىشىش ۋە پائالىيەتلەر بىلەن ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى.

ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشقا قاتناشقان نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئاخىرلاشتۇرماسلىق ۋە ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ كەلمەسلىك مەسىلىسىدە سىياسىي ئىرادىنىڭ پەرۋاسىزلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە دۆلەت تارىخىدىكى «ئەڭ رادىكال ئوڭ قانات ھۆكۈمەت» نىڭ ئىستىپا بېرىشىنى شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پايتەخت تېل ئاۋىۋ، ھايفا، بىرۇسسەبى ۋە غەربىي قۇددۇستىن باشقا يەنە نېتانياھۇنىڭ ئۆيى جايلاشقان شىمالدىكى قەيسەريا شەھىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىپا بېرىشى شۇنداقلا ئەسىرلەرنىڭ قايۇرۇپ كېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىلار داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر