ئافغانىستاندىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 400 گە يەتتى

ئافغانىستاننىڭ تۈركمەنىستان چېگراسىغا يېقىن فەرياب ئۆلكىسىدە كەلكۈن سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 18 كىشى قازا قىلدى.

2141276
ئافغانىستاندىكى كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 400 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىلەردە شىددەتلىك يامغۇر كەلتەۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 400 گە يېقىنلاشتى. فەرياب ئۆلكىسىدە كەلكۈن سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 18 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىككى مىڭ مودىن ئارتۇق دېھقانچىلىق يېرى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.  1000 دىن ئارتۇق ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى، 300 دىن ئارتۇق ھايۋان ھالاك بولدى.

غور ئۆلكىسىدە ھەددىدىن زىيادە يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە ئاز دېگەندە 50 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئالدىنقى ھەپتە ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى باغلان، بەدەخشان ۋە تاھار ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن كەلكۈنمۇ ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان ئىدى.

ئافغانىستاندا قىش ئايلىرىدا ياغقان قارنىڭ ھاۋارايىنىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ئېرىىشى ۋە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن كەلكۈنلەر ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىگە ئېغىر زىيانلارنى سالماقتا.

ئافغانىستاندا مۇشۇ ۋەجىدىنلا ھەر يىلى نەچچە يۈزلىگەن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر