ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى رامكىسىدا 26 شىركەتنىڭ ماللىرىنى چەكلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئۈچۈن، 26 خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىدى.

2140697
ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنى رامكىسىدا 26 شىركەتنىڭ ماللىرىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) رامكىسىدا يەنە، 26 خىتاي توقۇمچىلىق شىركىتىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، 17-مايدىن تارتىپ مەزكۇر شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ماللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ تەدبىرلەر، ئامېرىكانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى يوقىتىش ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يولغا قويۇلماقتا.»

«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2021-يىلنىڭ ئاخىرىدا رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن بۇيان چەكلەنگەن شىركەتلەر تىزىملىكىگە 65 شىركەتنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك، يېزا ئىگىلىكى، پلاستىك، خىمىيەلىك ماددا، باتارىيە، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئائىلە ئەشيالىرى ۋە يېمەك-ئىچمەك تېتىتقۇلىرى قاتارلىق سانائەت ساھەلىرىگە چېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر