رۇسىيە: ئەنگلىيەنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ

رۇسىيە ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2140744
رۇسىيە: ئەنگلىيەنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋەكىلىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقى ئۇقتۇردى.

ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 8-مايدىكى رۇسىيەگە قارشى چىقارغان قارارى تەنقىد قىلىنغان باياناتتا: «رۇسىيەنىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتىغا قارشى ئاساسسىزلا چىقىرىلغان دۈشمەنلەرچە قارار سەۋەبىدىن دىپلوماتىك ۋەكىلگە كۈچلۈك نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ قەدەملەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە «ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان زىيانلار»نى سالغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «(ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى) ۋەكىلىگە <بىزنىڭ بۇ قەدەمنى روشەن رۇسىيە دۈشمەنلىكىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان سىياسىي مەقسەتلىك ھەرىكەت> دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق>مىز. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ 8-ماي رۇسىيەگە قارشى ئېلان قىلغان دۈشمەنلەرچە ھەرىكىتىگە قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمىز بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ. مەسىلىنى ئۇلغايتىشنى باشلىغانلار بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆچ ئېلىش قەدەملىرى ھەققىدە ۋاقىپلاندۇرۇلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار ۋە مۇداپىئە ۋەزىرلىكلىرى 8-ماي بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ <يامان نىيەتلىك ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن رۇسىيەنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دىپلوماتىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى، رۇسىيەگە قاراشلىق بەزى مال-مۈلۈكلەرنىڭ دىپلوماتىك سالاھىيىتىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ھەمدە رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك ۋىزا مۇددىتىگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر