غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 272 گە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 39 ئادەم كۆپىيىپ، 35 مىڭ 272 گە يەتتى.

2140620
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 272 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 223 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا يۈرگۈزگەن 4 قېتىملىق قەتلىئاملىرى داۋامىدا يەنە 39 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 64 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 35 مىڭ 272 گە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 79 مىڭ 205 كە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا 15 مىڭ 103 پەلەستىنلىك بالا شېھىت بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر