دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى: ئەردوغاننىڭ باياناتىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاماسنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» ئەمەس، ئەكسىچە «ئۆز زېمىنىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2140273
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى: ئەردوغاننىڭ باياناتىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىسنىڭ ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتىشىغا قارشى چىقققانلىقى ۋە ئۇنى «ئۆز زېمىنىنى قوغداۋاتقان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتى مەزلۇملارنىڭ زەپىرىدۇر، زالىملارغا قارشى ئۇرۇش ئېلانىدۇر، ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى (دوستلىرى) نىڭ غەلىبىسىدۇر، شۇنداقلا، بۇ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشتۇر. دەرۋەقە، بۇ بايانات دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەزلۇملارغا  تەسەللىيدۇر. تۈركىيەنىڭ ھەردائىم مەزلۇملارنى باغرىغا باسىدىغانلىقىنىڭ، يۆنىلىشى ۋە قىبلىسىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنىڭ سىگنالىدۇر.»

«جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ شەكىلدىكى كۈچلۈك باياناتلىرى ۋە شەرەپلىك پوزىتسىيەسى پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، شۇنداقلا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشتى.»

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سۇلتانلىرىدىن سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد خان (1876- 1909 - يىللار)  نىڭ پەلەستىن زېمىنىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى (پەلەستىن زېمىنىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى) نىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باياناتلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىگە سۇلتان ئابدۇلھەمىد خاننى خاتىرىلەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر