پاكىستاندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 ئادەم قازا قىلدى

پاكىستاندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەن بىر ئۆيدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئادەم قازا قىلدى.

2139767
پاكىستاندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئەمەلدارى ھىدايىتۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا قوشنا بولغان جەنۇبى ۋەزىرىستان رايونىدا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بىر ئۆيگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.

رايون ئاھالىلىرى  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى بىر ھەربىي لاگېرغا يېقىن جايغا ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇمغا نارازلىق بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر