خىتاي بەزى شەھەرلىرىنى ۋىزىسىز ساياھەتكە ئاچتى

خىتاي چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار پاراخوتى بىلەن كەلگەن ساياھەت ئۆمەكلىرىگە، پورت شەھەرلىرىنىڭ تاموژنىسىدىن ۋىزىسىز كىرىشكە رۇخسەت قىلىدۇ.

2139736
خىتاي بەزى شەھەرلىرىنى ۋىزىسىز ساياھەتكە ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك كۆچ ئىدارەسى بايانات ئېلان قىلىپ، 13 شەھەردە خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى تەشكىللىگەن ئۆمەكلەرنىڭ يولۇچىلار پاراخوتى بىلەن كەلگەندە، تاموژنىدىن ۋىزىسىز ئۆتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بۇ شەھەرلەرنىڭ شىمالغا جايلاشقان تيەنجىن، دالىيەن، چىڭداۋ، شەرقتىكى شاڭخەي، ليەنيۈگاڭ، ۋىنجۇ، جۇشەن ۋە شيامېن؛ جەنۇبتىكى گۇاڭجۇ، شىنجېن، بېيخەي، خەيكۇ ۋە سەنيا قاتارلىق شەھەرلەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

شەھەردە ۋىزىسىز تۇرۇش ۋاقتىنىڭ پاراخوتنىڭ شەھەردىن ئايرىلىش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ 15 كۈندىن ئاشمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر