غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن ب د ت خادىملىرىنىڭ سانى 189 غا يەتتى

ئىسرائىلىيە ئۇدا 7 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززە رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ  سانى 189 غا يەتتى.

2140010
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن ب د ت خادىملىرىنىڭ سانى 189 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت ئورگىنى غەززە رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ مىڭلارچە پۇقرانىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ۋە پەلەستىننىڭ ئۇل ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا تەكىتلىنىشىچە،  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە شەھىرى، جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمى، رەفاھ ۋە كەرەم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023 – يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ سانى 189 غا يەتكەن.

 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئېھتىياج كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى غەززەنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى مۇداپىئەسىز ھالەتتىكى كىشىلەرنى زىيارەت قىلىشتا داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىماقتا ئىكەن.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى 1-مايدىن 9-مايغىچە غەززەنىڭ شىمالىي ئۈچۈن پىلانلانغان 32 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى خىزمىتىنىڭ پەقەت 9 ىنىلا قولايلاشتۇرغان، 5 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە رەت قىلغان، 11 ىگە توسقۇنلۇق قىلغان، 7 سى ئارقا سەپتىكى توسالغۇلار سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

دوكلاتتا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئوخشاش مەزگىللەردە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى ھەمكارلىشىش زۆرۈر بولغان رايونلاردا 46 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمىتىنىڭ 25 ىنى قولايلاشتۇرغانلىقى ، 9 نى رەت قىلغانلىقى، 3 نى توسقانلىقى ۋە ئەشيا ئوبوروتى مەسىلىسى سەۋەبىدىن 9 نى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

«ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ غەززەگە مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشىگە بىۋاسىتە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر