گىرۇزىيەدە نارازىلىققا سەۋەب بولغان قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

گىرۇزىيە پارلامېنتى ھاكىمىيەت بېشىدىكى گىرۇزىيە ئارزۇسى پارتىيەسى سۇنغان «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

2139830
گىرۇزىيەدە نارازىلىققا سەۋەب بولغان قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە پارلامېنتىدا، بىرىنچى تەستىقىنى 17-ئاپرېل (2024)، ئىككىنچى تەستىقىنى 1-ماي ئالغان ۋە تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان نارازىلىق بىلدۈرۈلۈۋاتقان «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە، ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاۋاز تاشلاندى. قانۇن تەكلىپ لايىھەسى 30 غا قارشى 83 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن تەستىقلانغان بولدى. ھەپتىلەردىن بۇيان نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەۋەب بولغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن، پارلامېنتتا ئۈچ قېتىم ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا، بەزى پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق مۇنازىرە، ھەتتا جېدەل چىقتى. نامايىشچىلار «رۇس قانۇنى» دەپ ئاتاپ نارازىلىق بىلدۈرگەن قانۇن تەكلىپى، پىرېزىدېنت سالومې زۇرابىشۋىلىغا ئىمزالىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلىدۇ.

گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، قانۇن تەكلىپىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە پارلامېنت قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت سالومې زۇرابىشۋىلى رەت قىلغان ئەھۋالدا، قانۇن تەكلىپى ئىككى ھەپتە ئىچىدە پارلامېنتقا قايتا ئەۋەتىلىشى كېرەك. ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە پارلامېنتتا پىرېزىدېنتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ ئورۇنغا ئىگە.

قانۇن تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا، پارلامېنتنىڭ ئەتراپىدا نامايىشلار داۋام قىلدى. بەزى نامايىشچىلار ئاۋاز نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندا پارلامېنتقا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇندى. ساقچىلارنىڭ توسۇشى نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەردى، بەزى نامايىشچىلار تۇتۇلدى.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە، گىرۇزىيەدە قۇرۇلغان مەبلىغىنىڭ %20 ى چەت ئەللەرنىڭ ياردىمى ئىگەللەيدىغان فوندلارنىڭ «چەت ئەل كۈچىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان تەشكىلات» دەپ تىزىمغا ئېلىشنى، ئۇنداق بولمىغاندا، جەرىمانە قويۇش؛ فوندلارنى تىزىمغا ئېلىش رەسمىيەتلىرىگە گىرۇزىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر