يورگوس باش مىنىستىر مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

2139552
يورگوس باش مىنىستىر مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يورگوس يېراپېترىتىس گىرېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ تۈنۈگۈنكى ئەنقەرە زىيارىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، بىز تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى ۋە سۆھبەتلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. بۇ جەريان نورماللىقنى ئاساس قىلىدۇ. باش مىنىستىر (مىچوتاكىس) ئېيتقاندەك، بۇ ئۈنۈم مەركەزلىك نورماللىق» دېدى.

مىنىستىر يېراپېترىتىس ئۆزى كۆزدە تۇتۇۋاتقان نورماللىقنىڭ دائىملىق ئالاقىلىشىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە كۆپ تەرەپلىمىلىك كېلىشىملەرنى تۈزۈش، ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. بىز ئۇچرىشىشىمىز ھەمدە مۇنتىزىم ئۇچرىشىپ تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئەڭ مۇھىمى كىرىزىس پەيدا قىلماي ياكى جىددىيلىكنى كۈچەيتمەي تۇرۇپ، پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەنلىكىنى بىلۈرگەن يېراپېترىتىس، تۈپ مەقسەتنىڭ دىققەتنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گىرېتسىيەنىڭمۇ، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭمۇ تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىگە ئالاقىدار سۆھبەتلەرگە ئىجابىي تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مىنىستىر يېراپېترىتىس، گىرېتسىيەنىڭ قىبرىستىكى ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر