ئانتوني بلىنكېن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدا زىيارەتتە بولدى.

2139453
ئانتوني بلىنكېن ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇچۇرىدا: «مەن بۈگۈن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئەركىنلىك كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇكرائىنانى قوللاش ئىرادىمىزنىڭ تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن كىيېۋغا قايتتىم» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر مىنىستىر بلىنكېننىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بلىنكېننىڭ كىيېۋدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىللېر مىنىستىر بىلىنكېننىڭ ئۇكرائىنالىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئامېرىكانىڭ يېڭى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ياردەملىرى ئارقىلىق ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ تەسىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ شىمالىدىكى خاركىۋغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ، رايوننى يەنە بىر قېتىم قىزىق لىنىيەگە ئايلاندۇرغانىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە خاركىۋ رايونىدىكى 10 نەچچە ئولتۇراق رايوننى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچيىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، غەربتىن ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر