ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جاسۇسلۇق ۋە تور ھۇجۇمى ماجراسى يۈز بەردى

لوندوندىكى خىتاي باش ئەلچىسى جىڭ زىگۇاڭ خىتاينىڭ ئەنگىلىيە زېمىنىدا جاسۇسلۇق ۋە تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر سەۋەبىدىن، تاشقى ئىشلار ۋازارىتىغا چاقىرتىلدى.

2139598
ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جاسۇسلۇق ۋە تور ھۇجۇمى ماجراسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي باش ئەلچىسى چىڭ زىگۇاڭنىڭ قانۇنسىز چەت ئەل ھەرىكەتلىرى قانۇنى بويىچە خىتاينىڭ ئەنگلىيە زېمىنىدا سادىر قىلغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپ ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامېروننىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىتاي باش ئەلچىسى جىڭنىڭ چاقىرتىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ئەنگلىيە خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرى ۋە جاسۇسلۇققا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل دوكلات تەييارلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەنگلىيەگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېيىلدى.

ئەنگلىيەدە خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن باياناتتا يەنە، «ئەيىبلەشنىڭ نىشانى بولغان چەت ئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى، خوڭكوڭ مەمۇرىي رايونىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسىدۇر» دېيىلدى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە، خىتايغا چېتىشلىق دەپ قارالغان جاسۇسلۇق قىلىش جىنايەتلىرى ۋە تور ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

 2021-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، كرىستوفېر بېررىي (Berry) ۋە كرىستوفېر كەش (Christopher Cash) ئىسىملىك ئىككى كىشى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، سوتقا تارتىلغان ئىدى.

كرىستوفېر بېررىي ۋە كرىستوفېر كەشنىڭ خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن ماقالە يېزىش، ئۇچۇر توپلاش، دوكلات ۋە ھۆججەت تەييارلاش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى؛ كرىستوفېر كەشنىڭ يەنە ئىلگىرى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا خىزمەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئۇچۇرى بار سىستېما تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، خاككېرلار ئىلگىرى ۋە ھازىر خىزمەت قىلىۋاتقان ھەربىي خادىملارنىڭ كىملىك، بانكا ۋە مائاش ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان.

ئەنگلىيە سكاي نىيۇس (Sky News) تېلېۋىزىيەسى مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر