غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 173 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قەتلىئاملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 82 ئادەم كۆپىيىپ، 35 مىڭ 173 كە يەتتى.

2139305
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 35 مىڭ 173 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇدا 221 كۈندىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا 8 قېتىم قەتلىئام يۈرگۈزگەنلىكى، بۇ قەتلىئاملار داۋامىدا يەنە 82 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 234 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا قەتل قىلىنغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 35 مىڭ 173 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 79 مىڭ 61 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدىمۇ ئۆلۈكلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى سەۋەبىدىن داۋالاش ئەترەتلىرى بىلەن خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى ئالالمايۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر