ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي يەكشەنبە كۈنى (12-ماي) ۋىدېئو تارقىتىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى جۈمە كۈنى(11-ماي)كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان خاركىۋنىڭ بەزى جايلىرىدا«مۇداپىئە خاراكتېرلىك توقۇنۇشلار» نىڭ، دونېتسكتا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2138867
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تاكتىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئارمىيەسى خاركىۋ رايونىدا قوزغىغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئۈستىدە توختىلىپ: «كۈلرەڭ رايوندىن شىددەتلىك توقۇنۇشقا ئايلانغان يېزىلار بار. ئىشغالچىلار بەزى جايلاردا ئاھاىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى، بەزى جايلاردىن ئىلگىرىلەش ئۈچۈن پايدىلىنۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ دونېتسك رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە ئىشغالچى كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئاۋدېۋكانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان پوكروۋسكى يۆنىلىشىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 30 قېتىم شىددەتلىك توقۇنۇشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى خاركىۋدىكى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى قىيىن ۋە ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى، چېگرا شەھەر ۋولچانسكنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن شىددەتلىك ئېتىشىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى  ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپتە تاكتىكىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ خاركىۋ رايونىدا نۇرغۇن ئاھالىلەر رايونىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر