پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئاندرېي بېلوۋسوۋنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى تەكلىپ قىلدى.

2138777
پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى قانىتى ھېسابلىنىدىغان فېدېراتسىيە كېڭىشى بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىننىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۈچۈن بېكىتكەن كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى پارلامېنتقا سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ھازىرقى مىنىستىر سېرگېي لاۋروۋنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئاندرېي بېلوۋسوۋنى تەكلىپ قىلدى.

ئۇ قارارنامە چىقىرىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي پاترۇشېۋنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سېرگېي شويگۇنى تەيىنلىدى.

پۇتىن تەرىپىدىن 2012-يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن سېرگېي شويگۇ، رۇسىيە ئارمىيەسىنى 2015-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىشنى سەۋەب كۆرسىتىپ، سۈرىيەدە ئۇرۇشقا سالدى ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغان 2022-يىلى 24-فېۋرالدىن تارتىپ ھەربىي قىسىملارنى ئۆزى بىر قوللۇق باشقۇردى.

سېرگېي شويگۇ ئالدىنقى سەپتە ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ۋە ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ «چۈشۈپ كېتىشى» بىلەن جېنىدىن ئايرىلغان ياللانما ئەسكەرلەر گۇرۇھى ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى پرىگوژىننىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

فېدېراتسىيە كېڭىشى 14-مايغىچە پۇتىن تەرىپىدىن سۇنۇلغان مىنىستىر ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى نامزاتلىرىغا قاراپ چىقىدۇ.

پۇتىن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يۇقىرى قانىتى بولغان فېدېراتسىيە كېڭىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلغان ھالدا پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇمانىڭ تەستقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر