مىرزويان بايراموۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلىدى

ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان ئەرىۋاندا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى، مالتا تاشقى ئىشلار، قوشۇمچە ياۋروپا ئىشلىرى ۋە سودا مىنىستىرى ئىئان بورگ بىلەن كۆرۈشتى.

2138976
مىرزويان بايراموۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەرمەنىپرېس»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىرزويان مېھمان مىنىستىرغا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموف بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئىجابىي كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان.

مىرزويان ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشى ۋە چېگرا بەلگىلەش خىزمەتلىرىنى 1991-يىلدىكى ئالمۇتا خىتابنامىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مىنىستىر مىرزويان، خىتابنامىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئەزەربەيجان بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان رايون توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تىنچلىقنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنىڭ رايوندىكى قاتناش لىنىيەسىنىڭ قايتا ئېچىۋېتىلىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئارارات مىرزويان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئەزەربەيجان بىلەن تۆمۈر يولى تورىنى قايتىدىن تۇتاشتۇرۇشقا قىزىقىمىز، ئەلۋەتتە، بارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر لىنىيە بېسىپ ئۆتكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدا بولىدۇ ۋە ئۇ دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بەلگىلىمىلەر ئۆزئارا باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا <مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك>» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر