مىچوتاكس تۈركىيەگە كېلىدۇ

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىس پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2138732
مىچوتاكس تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىقتىساد، قاتناش، ئىلىم-پەن، تېخنىكا، دېھقانچىلىق، ساياھەت، سەھىيە ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

غەربىي تراكيادىكى تۈرك ئاز سانلىقلىرى، رودوس، ئىستانكۆي ۋە سەلانىكتىكى تۈرك ئىرقداشلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان سۆھبەتلەر جەريانىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلىككە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارا تەرەققىياتلار، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى گىرېتسىيە تەرەپكە يەتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچتوتاكس زىيارىتىدىن ئىلگىرى «ئېلىفېروس تىپوس گېزىتى» گە بايانات بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان يېقىنلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 7-دېكابىردا گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيەنى زىيارەت قىلىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر