بېلگىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى

بېلگىيەدىكى بىريۇسسېل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان بارلىق ئىلمىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قوزغىدى.

2139018
بېلگىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «VUB» دېگەن نامدا فلېمىس تىلىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىريۇسسېل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ باغچىسىنىڭ ئاشخانا جايلاشقان بىناسىدا «ئورۇنلىشىۋېلىش ھەرىكىتى» باشلىدى.

چېدىر، ئەدىيال، گىلەم، ئۇخلاش خالتىسى ۋە يېمەكلىكلىرىنى ئېلىپ كېلىپ بىناغا ئورۇنلاشقان ئوقۇغۇچىلار، تەلەپلىرى قاندۇرۇلمىغۇچە بىنادىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكىدىن ئىسرائىلىيەدىكى ئىلمىي ئورگانلار بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

بېلگىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا باشلىنىپ ياۋروپاغا كېڭەيگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى 6-مايدىن تارتىپ قوللاشنى باشلىغان بولۇپ، گېن، بىريۇسسېل، ئانتۋېرپ، لېۋېن ۋە لىگې قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

5-ئاينىڭ 7-كۈنى بىريۇسسېل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىرانسۇز تىلى بۆلۈمىنىڭ ھويلىسىدا باشلانغان ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى ئىسرائىلىيەدىكى ئىككى ئورگان ئىشتىراك قىلغان سۈنئىي ئىدراك ئىلمىي تۈرىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر