ئامستېردامدا ئىسرائىلىيەگە قارشى 15 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا تەخمىنەن 15 مىڭ كىشى ناقبا (چوڭ ئاپەت) غا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

2138466
ئامستېردامدا ئىسرائىلىيەگە قارشى 15 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئامىستېردامنىڭ دام مەيدانىدا پەلەستىننى قوللىغۇچى نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئورتاق ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا تەخمىنەن 15 مىڭ كىشى قاتناشتى.

نامايىشچىلارغا خىتاب قىلغان نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارغا قارىماستىن، ئامېرىكا ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ساقچىلارنىڭ 6 - مايدا ئامىستېردام ئۇنۋېرسىتىتىدا باشلانغان نامايىشقا قارشى زوراۋانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلىپ، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نامايىش ھوقۇقىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  

نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر 1948 - يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىغان خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شۇنىڭدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن پاجىئەلىرىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دام مەيدانىغا توپلانغان گۇررۇپپا نۇتۇقتىن كېيىن، نۇرغۇن ساياھەت نۇقتىلىرى جايلاشقان شەھەر مەركىزىدىن ئۆتۈپ، مۇزېيلار مەيدانىغا يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار «زۇلۇم مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ، ئىسرائىلىيە چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ»، «دەريادىن دېڭىزغىچە پەلەستىن ئازاد بولىدۇ»، «ھازىر دەرھال ئۇرۇش توختىتىڭلار!»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار!»، «پەلەستىندە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.

پەلەستىن بايرىقىمۇ ئېچىلغان نامايىشتا «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!»، «نومۇسسىز رۇتتې! قولىرىڭ قانلىق» ۋە «ئىسرائىلىيە بومباردىمان قىلماقتا، گوللاندىيە پۇلىنى تۆلىمەكتە» دېگەندەك شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشچىلار نامايىش جەريانىدا ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئامېرىكا قەھۋە زەنجىرى <ستارباكىس> تارمىقىدىن ئۆتۈش جەريانىدا «ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىڭلار!» ۋە «نومۇس قىلىڭلار!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر