ئەردوغان بارلىق ئانىلارنىڭ «ئانىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەپ مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

2138410
ئەردوغان بارلىق ئانىلارنىڭ «ئانىلار بايرىمى» نى تەبرىكلەپ مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان يازمىسىدا: «بارلىق ئانىلارنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن، ئالەمدىن ئۆتكەن بارلىق ئانىلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن. سۆيگۈ، شەپقەت ۋە پىداكارلىققا ئوخشاش گۈزەل خىسلەتلەرنىڭ مىسالى ھېسابلىنىدىغان ئانىلىرىمىز ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىدۇر. بولۇپمۇ ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ بىزگە ئامانىتى بولغان شېھىت ئانىلىرى قاتارلىق، بۇ تەڭداشسىز خەزىنىگە ئىگە چىقىشىمىز لازىم. ئانىلىرىمىزغا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى ھەر پۇرسەتتە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا كۆرسىتىشىمىز لازىم. بىر ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان شەپقىتىنى سېلىشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىنسانىي تۇيغۇ ئىنتايىن ئاز. بۈگۈن ئانىلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھاياتىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئەسلەش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پۇرسەتتۇر. بىز جەننەتنى ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا كۆرىدىغان بىر ئېتىقادنىڭ مەنسۇپلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسئۇلىيەتلىرىمىز ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلغاندا، ئانىلىرىمىزنىڭ خەيرىلىك دۇئالىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈچ مەنبەيىمىزنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر