فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھقا قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھقا قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

2138463
فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھقا قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - مايدا رافاھقا قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا،  بۇنىڭ قانچىلىغان قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان غەززە پۇقرالىرى ئۈچۈن ئاپەت خاراكتېرلىك ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، «غەززەدە پۇقرالار ئۈچۈن ھېچقانداق بىخەتەر يەر يوق» دېيىلدى ھەمدە  ئىسرائىلىيە بۇ قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىق  قىلىندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەدىن قايتا مۇزاكىرە يولىغا قايتىپ كېلىشى تەلەپ قىلىندى ۋە بۇنىڭ ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدىن مىسىر چېگراسىدىكى رافا چېگرا ئېغىزىنى دەرھال ئېچىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، بۇ ئېغىزنىڭ رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەدىن پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىشلارنى قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ غەززەگە يېتىپ بارالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

فىرانسىيە قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ 7 - مايدىمۇ ئىئوردانىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە قىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتىدا ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىدىن قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ كەرەم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7 – ماي ئەتىگەندە رافاھ رايونىغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى باشلاپ، غەززەنىڭ مىسىرغا ئېچىۋېتىلگەن رافا چېگرا  ئېغىزىنىڭ پەلەستىن تەرىپىنى ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر