ب د ت نىڭ پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى ئىرقى قىزغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى فىرانسىسكا ئالبانىسە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھولوكوست (چوڭ قىرغىنچىلىق) قا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2138448
ب د ت نىڭ پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى ئىرقى قىزغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ پەلەستىن ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالبانىسە تۇنىستا ئۆتكۈزۈلگەن ماغرېب - مەشرىق مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئالبانىسە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى «ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلارغا ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق» دەپ باھالىدى ۋە «ھازىر غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى قانداقمۇ كۆرمەسكە سالالايمىز؟ بۇ بىر پاجىئە» دېدى.

ئالبانىسە غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ،  ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 15 مىڭ كىچىك بالىنى قوشقاندا، تەخمىنەن 35 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتىكى بارلىق پەلەستىنلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلغان  ئالبانىسە يەنە مۇنداق دېدى:

«قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئېيتالايمەنكى، غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. گەرچە غەرب دۆلەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ھەر قانچە بىئارام بولسىمۇ، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھولوكوست (چوڭ قىرغىنچىلىق) قا ئوخشىشىپ كېتىدۇ»

ئالبانىسە سۆزىدە يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىشلار  ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «دۇنيا مىقياسىدا بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە مەكتەپلەردە نامايىش قىلىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت سىستېمىلىرىنى تەۋرىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر