رۇسىيەدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ7 ئادەم قازا قىلدى

رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ دەرياغا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 7 ئادەم قازا قىلدى.

2138339
رۇسىيەدە يولۇچىلار ئاپتوبۇسى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ7 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» (TASS)  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سانت پېتىربۇرگ شەھىرى مەركىزىدە كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى «مويكا دەرياسى» غا چۈشۈپ كەتكەن.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ۋەقەدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەق مەيدانغا ئەۋەتىلگەن ئىزدەش- قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پائالىيەتلىرىنى تاماملىغان، ئاپتوبۇس دەريادىن چىقىرىلغان.

رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە،  ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئاپتوبۇس شوپۇرى قاتناش ۋە ئاپتوموبىل ھەيدەش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر