كونگودا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 35 ئادەم ئۆلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە 5-ئاينىڭ 8-كۈنى يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتتى.

2138271
كونگودا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 35 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن گوما رايونىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئېرىك بۋاناپۇۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇساپىرلار لاگېرىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 35 كە يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولغان ۋە جاۋابكارلىقىنى تېخىچە  ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىسيانچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر