يېراپېترىتس: مىچوتاكىس ئەردوغان بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىن كۈتكەن ئۈمىدنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2137894
يېراپېترىتس: مىچوتاكىس ئەردوغان بىلەن سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس  «SKAI FM» رادىيوسىنىڭ <باش مىنىستىر مىچوتاكىسنىڭ 13-مايدىكى تۈركىيە زىيارىتى> توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيە-گىرېتسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا <باشقا بارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشىغا ئوخشاش نورمال ئىش> دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، كىرىزىسلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، كېيىنكى قەدەملەرنى بېسىشىمىز مۇھىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار نېگىزلىك تېزىسلىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان يېراپېترىتىس: «بىزنىڭ تۈركىيە-گىرېتسىيە يېقىنلىشىشىدىن كۈتىدىغىنىمىز، خاتىرجەملىككە تولغان بىر دەۋردۇر» دېدى.

ئۇ گىرېتسىيەنىڭ يەنە بىر ئۈمىدىنىڭ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بولغاندا، يۈز بەرگۈسى كىرىزىسلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگوس يېراپېترىتىس جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مىچوتاكىسنىڭ 13-مايدىكى ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. رەھبەرلەر ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىمىز <تىكەنلىك مەسىلىلەر>نىمۇ مۇزاكىرە قىلىدۇ. ئىجابىي كۈنتەرتىپ، سىياسىي سۆھبەت ۋە ئىشەنچ  كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆھبەتلەرنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىنىڭ يول خەرىتىسى بېكىتىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر