ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرى دۇنياغا كېڭەيدى

ئامېرىكادا كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلىرى باشلىغان پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى دۇنيا مىقياسىغا كېڭەيدى.

2137960
ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرى دۇنياغا كېڭەيدى
finlandiya universite filistin destek.jpg
viyana universite filistin destek.jpg
isvicre universite filistin destek.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئالدىقى قاتاردىكى ۋىتس(Wits)  ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئەڭ ياخشى بەش ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىرى بولغان ۋىتس(Wits)  ئۇنىۋېرستېتىنىڭ جوھاننېسبۇرگ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان كامپۇستا، مىڭلىغان كىشى قاتناشقان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار «پەلەستىنگە ئەركىنلىك» دەپ شوئار توۋلىدى ۋە ئۇنىۋېرستېتنىڭ ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى ئەيىبلىدى.

گوللاندىيەدىمۇ 6-ماي (2024) ئامستېردام ئۇنىۋېرستېتىدا باشلانغان ۋە ئۇترېت (Utrecht) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈن (9-ماي) مىڭلارچە ئوقۇغۇچى ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي ئامستېردام شەھەر مەركىزىگە قاراپ پىيادە يۈرۈدى.

نامايىشىچلار شەھەر مەركىزىدىكى سپېۋ (Spui) مەيدانىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى باشلىدى. ساقچىلارنىڭ توسۇشى سەۋەبىدىن چىققان سۈركىلىشلەردە، بەزى ئوقۇغۇچىلار يارىلاندى. تاراتقۇلاردا ئۈچ كىشىنىڭ تۇتۇلغانلقى خەۋەر قىلىندى.

ئاۋستىرىيەنىڭ ۋىيېننا ئۇنىۋېرستېتىدىمۇ ئۈچ كۈن داۋاملاشقان پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىنى ساقچىلارنىڭ باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

ۋىيېننا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ۋوتىۋ چېركاۋىنىڭ ئالدىدا توپلانغان نۇرغۇن نامايىشچىلار، تىنچلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىنى ساقچىلارنىڭ باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرى كامپۇستا چېدىر قۇرۇپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە ۋە لىسبون ئۇنىۋېرستېتلىرىدىمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇمىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

جەنۇبىي ئامېرىكادا بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە پەلەستىننى قوللاش مەقسىتىدە، «غەززە بىلەن ھەمكارلىق» نامىدا لاگېر ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىۋېرستېتنىڭ نۇرغۇن فاكۇلتېتلىرىدىمۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ئەيىبلەندى.

نامايىشچىلار بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىسىرائىلىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر