ئىسىرائىلىيەلىكلەر كېلىشىم ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسىرائىلىيە خەلقى ھۆكۈمەتتىن «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» نى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىپ، ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا نامايىش قىلدى.

2137872
ئىسىرائىلىيەلىكلەر كېلىشىم ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر قۇرغان «بىرلىكتە تۇرىمىز» ناملىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ چاقىرىقى بىلەن تەخمىنەن 1500 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا، پايتەخت تېل ئاۋىۋنىڭ مەركىزىدىكى خابىما مەيدانىدا توپلاندى.

نامايىشچىلار «رەفاھتىكىمۇ ئىسىرائىلىيەدىكىمۇ بالا»، «بالىلارنىڭ ئۆلۈمى توختىسۇن»، «دەرھال كېلىشىم ئىمزالانسۇن»، «ئەسىرلەرنى ئەكىلىڭلار»، «تىنچلىقتا بىخەتەرلىك بولىدۇ»، «يېرىم يىللىق دوزاخ ئەمدى ئاخىرلاشسۇن» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكا ۋە تاختىلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

ئىسىرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەت تىيبى باش مىنىستىر نېتانياھۇنى « ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۇرۇش توختىتىشقا يېقىن كەلمەيۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

غەززەدىكى ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى تۈنۈگۈن كەچتە (9-ماي) تېل ئاۋىۋدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسى ئالدىغا جايلاشقان مېناخېم بېگىن كوچىسىغا يىغىلدى.

بىر قانچە يۈز كىشىدىن تەشكللەنگەن نامايىشچىلار، «قاتىللار»، «تۆلىنىدىغان ھەر قانداق بەدەل ئەسىرلەر ئۈچۈن كۆپ ئەمەس»، «رەفاھقا ھۇجۇم قىلىش، ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈشتۇر» ۋە «ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساق ئەكىلىڭلار» دەپ شوئار توۋلىدى.

بەزى كوچىلارنىڭ توسۇۋېتىلىشى سەۋەبىدىن، پىيادە يۈرۈمەكچى بولغان نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر چىقتى.

غەربىي قۇددۇستا بىر توپ نامايىشچى ئىسىرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئالدىدىن پارلامېنت بىناسىغا قاراپ پىيادە يۈرۈدى. نامايىشچىلار يۈرۈش جەريانىدا، «ھەممىسى قايتىپ كەلگىچە، ياخشىلانغىچە ياكى ئىسىرائىلىيە مازارلىقلىرىغا كۆمۈلگىچە جىم تۇرمايمىز» دەپ شوئار توۋلاپ، غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغان ۋە ھازىرغىچە دەپنە قىلىنمىغان يېقىنلىرىغا سىمۋول قىلىنغان قۇرۇق جىنازىلارنى كۆتۈرۈۋالدى.

ساقچىلارنىڭ پات-پات نامايىشچىلارنى توسۇشى سەۋەبىدىن ئۆزئارا سۈركىلىشلەر چىقتى. سۈركىلىشلەردە ئىككى نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر