«تۈركىيەنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى جون باس تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ۋە رايونلۇق كىرىزىسنى ھەل قىلىشتا ئويناۋاتقان ئىجابىي رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

2137918
«تۈركىيەنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا 39-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تۈركىيە كونفېرانسى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇراق ئاقچاپار كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

بۇراق ئاقچاپار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ ئىككى ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ، بولۇپمۇ قۇرۇلمىلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە ھەمدە ئىمكانىيەتلىك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى، بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى قوراللىق كۈچىمىز. تەرەپلەر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە  ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت كۆرۈشتى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلەرنى ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيە جەھەتتىن ناھايىتى زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى جون باس بولسا تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى باسقۇچقا ۋە ئىجابىي يۆنىلىشكە قەدەم قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ ئوينىغان ئىجابىي رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئەنقەرەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى رايوندىكى كۆپلىگەن كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر