پولشا  بېلارۇسىيە بىلەن  رۇسىيە چېگراسىغا ئىستىھكام  ۋە پاناھ جايلارنى بەرپا قىلىدۇ

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋلادىسلاۋ كوسىنىياك-كامىيسىز بېلارۇسىيە بىلەن رۇسىيە چېگراسىغا ئىستىھكام  ۋە پاناھ جايلارنى بەرپا قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2137970
پولشا  بېلارۇسىيە بىلەن  رۇسىيە چېگراسىغا ئىستىھكام  ۋە پاناھ جايلارنى بەرپا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ۋلادىسلاۋ كوسىنىياك-كامىيسىز «‹ZET› رادىيوسى» نىڭ  زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، پولشا بىلەن بېلارۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى توسۇقلارنى رېمونت قىلىپ، مۇستەھكەملەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ پولشانىڭ رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بىلەن بولغان چېگرىسىغا ئىستىھكام  ۋە پاناھ جايلارنى بەرپا قىلىپ قىلمايدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا: «بۇ ھەقتە، بارلىق پىلانلار تۈزۈلۈۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

پولشا 2022-يىلى 1-ئايدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بېلارۇسىيە بىلەن بولغان چېگراسىغا توسۇقلارنى ئورنىتىشقا باشلىغانىدى. ئېگىزلىكى 5.5 مېتىر كېلىدىغان، 407 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان سىملىق مېتال توسۇقلار 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتكەن ئىدى.

پولشا 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىمۇ رۇسىيەنىڭ كالىنىنگراد رايونى بىلەن بولغان چېگراسىغا تىكەنلىك سىم رىشاتكا ئورنىتىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر