بوررېل پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئىسپانىيە، مالتا، ئېرلاندىيە ۋە سلوۋېنىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2138177
بوررېل پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل ئىسپانىيەنىڭ يەرلىك رادىيو قانىلى —RNE نىڭ <ئىسپانىيە، ئېرلاندىيە، سلوۋېنىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋاقتى بېكىتىلدىمۇ-يوق؟> دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.

«ئىسپانىيە 21-ماي پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنى بىلىمەن؛ چۈنى بۇنى ماڭا ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارىس دەپ بەردى» دېگەن بوررېل، مالتا، ئېرلاندىيە ۋە سلوۋېنىيەنىڭمۇ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ چېگرالىرى ھەققىدىكى بىر سوئالغا ، «ئۇنى بىز پەيدا قىلمايمىز؛ بۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىدا ئاللىقاچان ئېنىق بېكىتىلگەن» دەپ جاۋاب بەردى.

جوسېپ بوررېل ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «نېتانياھۇ تىنچلىق ئورنىتىش چارىلىرىنى تەنقىد قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى ئۇلارغا قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت نېتانياھۇدىن رەفاھقا كىرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئۇ بۇ چاقىرىققا قۇلاق سالمىدى» دېدى.

بوررېل ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلىرى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە غەرب دۇنياسىدىكى سايلاملارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇلاردىن باشقا، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى قوزغىغان پەلەستىننى قوللاش نامايىشىنىڭ پۈتكۈل غەرب دۇنياسىغا كېڭىيىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر