بوررېل: بومبا تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، ئىسرائىلىيەنى بومبىلارغا ئىگە قىلماسلىقتۇر

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل، «ئىسرائىلىيەنىڭ بومبا تاشلىشىنىڭ قولىدىكى بومبىلار تۈگىگەندە توختايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

2137927
بوررېل: بومبا تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، ئىسرائىلىيەنى بومبىلارغا ئىگە قىلماسلىقتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارىس بىلەن پايتەخت مادرىدتا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بوررېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش قارارى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بومبىلارنى تاشلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، بومبىلارغا ئىگە قىلماسلىقتۇر» دېدى.

بوررېل غەززە ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ: «ياۋروپادىكى بەزى خىزمەتداشلىرىمىز <غەززەدە نۇغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى!> دېگىنىدە، سورىلىدىغان سوئال: <قانچە ئادەم بولغاندا بەك كۆپ بولىدۇ؟ بىز تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشىمىز ئۈچۈن، 50 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟> دېگەندىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ئەگەر بىر قانچە دۆلەت بۇ قەدەمنى باسسا، مەن تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. (ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى) ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە تايىنىپ ھەل قىلىشقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغانلارنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىىشتىن ھالقىپ كېتىشى ئالاھىدە ياخشى ئەھۋال» دەپ جاۋاب بەردى.

نۆۋەتتە ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش يولىدىكى لوبىچىلىق پائالىيىتىنى ئىرېلاندىيە، سىلوۋېنىيە، مالتا ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوللىماقتا.

ئىرېلاندىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە بىلەن ئىرېلاندىيە 21-ماي پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن، سىلوۋېنىيە بولسا، 13-ئىيۇنغىچە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023- يىلى7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، 35 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك قازا قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر