ياۋروپا ئۇكرائىناغا رۇسىيەنىڭ پۇلىدىن ياردەم قىلىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قىلىنغان كىرىمنى، ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىنى قوللاشقا ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئۆزئارا كېلىشتى.

2137422
ياۋروپا ئۇكرائىناغا رۇسىيەنىڭ پۇلىدىن ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بېلگىيەنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە، رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قىلىنغان كىرىملەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، «ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قىلىنغان كىرىملەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە، پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشىم ھاسىل قىلدى. كىرىملەر ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي مۇداپىئەسىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ» دېيىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىدىن قىلىنغان كىرىملەرنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپىمىز ئۈستىدە ھاسىل قىلىنغان سىياسىي كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالىمەن» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەكلىپى، رۇسىيەنىڭ مال-مۈلۈكلىرىدىن قىلىنغان كىرىملەرنىڭ ئايرىم بانكادا ھېسابىدا ئامانەتكە قويۇلۇشى ۋە ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنى ھەر يىلى مەبلەغقە ئايلاندۇرۇشتىن قولغا كەلگەن 3 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق كىرىمدىن ئۇكرائىنا ئۈچۈن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا سېتىۋېلىش پىلانى ئۈستىدە كېلىشىم  ھاسىل قىلدى. پىلاننىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرى ئېلان قىلىنمىدى، ئەمما كىرىمنىڭ %90 ى ئۇكرائىنا ئۈچۈن قورال-ياراغ سېتىۋېلىشقا، %10 ى ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە ياردەم قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى 2022-يىلى باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ تەخمىنەن 200 مىليارد ياۋروسىنى توڭلاتقان ئىدى. رۇسىيەنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ھەر قېتىم مۇددىتى توشقان ۇسىيەنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قايتىدىن مەبلەغقە ئايلاندۇرۇپ، زور دەرىجىدە كىرىم قىلماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى توڭلاتقان رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ 180 مىليارد ياۋروسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بېلگىيە ئۆي-زېمىن تېگىشىش ۋە ساقلاش خىزمىتى بېرىدىغان «Euroclear» شىركىتى، ئۆتكەن يىلى (2023) بۇ پۇلدىن 3 مىليارد ياۋرودىن كۆپ كىرىم قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر