«ئاستورىيە گراندې» ناملىق ساياھەت پاراخوتى سامسۇنغا كەلدى

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىن يولغا چىققان «ئاستورىيە گراندې» ناملىق ساياھەت پاراخوتى سامسۇنغا يېتىپ كەلدى.

2137614
«ئاستورىيە گراندې» ناملىق ساياھەت پاراخوتى سامسۇنغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 998 يولۇچى ۋە 443 كىشىلىك پاراخوت خادىمى بىلەن سوچى شەھىرىدىن يولغا چىققان «ئاستورىيە گراندې» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئىستانبۇل ۋە ئاماسرادىن كېيىن سامسۇن پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى.

رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ساياھەتچىلەر رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندىن كېيىن، پورتتىن چىقىپ، شەھەرنىڭ تارىخىي ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى سەيلە قىلدى، ھەمدە نەرسە - كېرەك سېتىۋالدى.

ئىگىلىنىشىچە، «ئاستورىيە گراندې» ناملىق ساياھەت پاراخوتى كەچ تەرەپلەردە ترابزونغا قاراپ يولغا چىقىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر