ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 34904 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 34904 كە يەتتى.

2137489
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 34904 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 216 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا تۆت قېتىم قىرغىنچىلىق سادىر قىلىپ، 71 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى، 106 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 34904 كە، يارىلانغانلار سانى 78514 كە يەتكەن.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر