ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار بايدىننىڭ سۆزلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ «رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيەگە قورال ئەۋەتمەيدىغانلىقى» توغرسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2137636
ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارلار بايدىننىڭ سۆزلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل ئېقىمغا مەنسۇپ مەدەنىيەت مىراسلىرى مىنىستىرى ئامىچاي ئېلىياخۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ «رەفاھقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىسا، ئىسرائىلىيەگە قورال ئەۋەتىشنى توختىتىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئەنگلىيەنىڭ ناتسىستلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىگە ئوخشاتتى.

ئېلىياخۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، جو بايدىننىڭ رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن تەقدىردە، ئىسرائىلىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1938-يىلى — ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى — ئەنگلىيە بىلەن ناتسىست گېرمانىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان مىيۇنخېن شەرتنامىسىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئېلىياخۇ، جو بايدىننى ناتسىستلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى نېۋىللې چامبېرلىنغا ئوختىشىتىپ: «بايدىن بەلكىم ۋىنستون چېرچىلغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ چامبېرلىن بولۇشنى تاللىدى، ئۇ نومۇسسىزلىقنى تاللىدى، نەتىجىدە نومۇسسىزلىق ۋە ئۇرۇش ئۇنى تاپىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى گىلاد ئېردانمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ «خايوم» گېزىتىگە بايانات بېرىپ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەم ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىنىڭ كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسرائىلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئېلى كوخېنمۇ يۇقىرىدىكى گېزىتكە بايانات بېرىپ، قورال ۋە ئوق دورا ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇستەقىللىقنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ «مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى ئارقىلىق تراگېدىيە پاتقىقىغا ئىتتىرىلگەن غەززەدىن كۆچكەن بىر يېرىم مىليون پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان رەفاھنىڭ «پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنىشى»نى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ پارتىيەسى — لىكۇدنىڭ پارلامېنت ئەزاسى تالى گوتتلېب بولسا، ئامېرىكا سەزگۈر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن تەمىنلىمىسە، غەززەگە سەزگۈر بولمىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن رەفاھقا قۇرۇقلۇقتىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن تەقدىردە، ئىسرائىلىيەگە قورال ئەۋەتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 6-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي مەھرۇم قىلىنغان بىر يېرىم مىليون پەلەستىنلىك پاناھلىنىۋاتقان جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بەزى مەھەللىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە غەززەنىڭ رەفاھ رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ مىسىر بىلەن چېگراداش تاموژنا ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر